مۇھەببەتلەشكەندىكى ئەڭ ئەجەللىك ئون جۈملە سۆز

تەۋە تۈر : تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق > مۇھەببەت >       مەنبە : تور دۇنياسى      يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2018-04-16 11:17:10

جۇڭگو گېزىتى تورى 15-ئاپرېل خەۋىرى:

توي قىلغاندىن كېيىن ياكى ئۇزۇن ۋاقىت مۇھەببەتلەشكەن ۋاقىتتا بەزى گەپلەرنى يەنىلا دېمىگىنىڭىز تۈزۈك. 

تۆۋەندە نىكاھ مەسلىھەتچىسى ۋە باشقا مۇتەخەسسىسلەر بىزگە سۆزلىرىمىزدىن چىقىرىۋېتىشكە تېگىشلىك 10 جۈملە سۆزنى ھەمبەھرلىدى. 

1. «دائىم قاچا يۇماي ئاشۇ يەرگە تاشلاپلا قويىسىز»

ماريلاند ئىشتاتىنىڭ تاكوما پاركتىكى پىسخولوگ سامانسا رودماننىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يەردىكى قاچىنى باشقا ھەر قانداق شەيئىگە ئالماشتۇرۇشقا بولىدىكەن. مەيلى قانداقلا مەسىلا بولسۇن «ئەزەلدىن قىلمايسىز»، «ھەمىشە شۇنداق» دېگەندەك ئەيىپلەش نەزىرىدىكى سۆزلەر ھەر قېتىم بىر قېتىملىق ماجرانى پەيدا قىلىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزنىڭ بۇ قىسقىغىنە يىغىنچاقلاش خاراكتېرىدىكى سۆزىڭىزنى خاتا بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن. 

ئۇ «خاففىڭتون پوچتا گېزىتى»گە مۇنداق دېدى:«ھەممىلا ئىش چوقۇم توغرا ياكى چوقۇم خاتا بولۇپ كەتمەيدۇ، شۇڭا ھەمراھىڭىزغا ئەزەلدىن ۋاقتىدا قىلمايسىز ياكى سىز بەك شەخسىيەتچى دېيىسىڭىز توغرا بولمايدۇ. بۇ گەپلەر توختىماستىن ئەيىبلەش ۋە تەكرار-تەكرار چۈشەندۈرۈشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ ھەرگىزمۇ نىكاھ تۇرمۇشىڭىزدا سىز ئېرىشمەكچى بولغان ئەھۋال ئەمەس.»

 

2. «ئاپاڭ بىلەن ئوخشاش گەپ قىلىسەن»

نىكاھ ۋە ئائىلە مەسلىھەتچىسى، «بەختلىك نىكاھ كۆرسەتمىسى»نىڭ ئاپتورى شارون گىلچىرىست ئونېلنىڭ ئېيتىشىچە، سوقۇشۇپ قالغان ۋاقىتتا نۆۋەتتىكى مەسىلىنى ئاساس قىلىش، مۇھىم نۇقتىنى ئىككى ئادەمنىڭ ئۆزىگە قويۇش زۆرۈر ئىكەن. ئىككى تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ماجراغا قوشۇۋېلىش قاملاشمىغان قىلمىش بولۇپ، ئادىلسىزلىق بولىدىكەن، ئاخىرىدا تېمىدىن چەتنەپ كېتىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدىكەن. 

ئۇ «خاففىڭتون پوچتا گېزىتى»گە مۇنداق دېدى:«ئاتا-ئانىسىنى تىلغا ئېلىش قاتتىق ھۇجۇمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئىككى تەرەپنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى كۆز ئالدىدىكى مەسىلىنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن.»

 

3. «ئۆزۈڭنى قالتىس چاغلاپ قالغان ئوخشىمامسەن؟»

ئاركانزاس ئىشتاتىنىڭ كىچىك تاش شەھىرىدىكى نىكاھ ۋە ئائىلە مەسلىھەتچىسى بېككى خېتستوننىڭ ئېيتىشىچە، يۇقىرىقى بىر جۈملە سۆزنى ھەمراھىڭىزغا مەڭگۈ دېسىڭىز بولمايدىكەن ياكى دېگەن تەقدىردىمۇ راستىنلا شۇنداق دېمەكچى ئىكەنلىكىڭىزنى ئۇنىڭغا بىلدۈرسىڭىز بولمايدىكەن. ئۇنىڭ كەيپىياتىنى ياكى ئوي-خىيالىنى ئىگىلىشىڭىز مۇمكىن ئەمەس ئىكەن، شۇڭا بۇنداق پەرەزنى ئۆزىڭىزلا بىلسىڭىز ياخشى بولىدىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى:«بۇ جۈملە سۆز ناھايىتى زىددىيەتنى ناھايىتى ئاسانلا كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدۇ، چۈنكى قارشى تەرەپ سىزنىڭ ئەيىپلىشىڭىزنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ سۆزىڭىز قارشى تەرەپگە تۆۋەن باھا بېرىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا بۇ سۆز قوش ئازار يەتكۈزىدىغان سۆز ھېسابلىنىدۇ.»

 

4. «مەن سەمىرىپ كەتتىممۇ قانداق؟»

ئاياللار ئۇچرىشىش ۋە مۇھەببەتلىشىش يېتەكچىسى روبىن ۋالگاست مۇنداق دېدى:«سىزنىڭ بۇ سوئالنى سورىشىڭىزدىكى ھەقىقىي مەقسىتىڭىز <سەمىرىپ كەتكەنلىكىمنى بىلىمەن، مەن ئۆزۈمنىڭ ھالىتىدىن نارازى، سەن ماڭا ھازىرقى ھالىتىڭدىن بەك رازى دېگىن> دېمەكچى. بۇ سۇئالغا جاۋاب بېرىش زۆرۈر ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ سىزنىڭ ھەمرايىڭىزنى سىزگە ئىلھام بېرىشكە قىستىغىنىڭىز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.»

 

5. «سەمىرىپ كەتتىڭمۇ قانداق؟»

ھەمراھىنىڭ سىرتقى تۇرقىغا بىۋاستە، پاسسىپ باھا بېرىشمۇ چەكتىن ئاشقان قىلمىش ھېسابلىنىدۇ. 

خېتستون مۇنداق دەيدۇ:«سەلبىي غەرەزنى سىرتقى قىياپەتكە باھا بېرىش ئىنتايىن قاملاشمىغان بىر ئىش. بۇنداق قىلسىڭىز باشقىلارغا ئازار بېرىپ قويىسىز، چۈنكى سىز ھەمراھىڭىزنى ناچار، كەمچىلىكى بار دېمەكچى.»

 

6. «سەن دېگەن ناچار ئائىلە باشلىقى، ناچار ھەمراھ...»

ھەمراھىڭىزنىڭ ئائىلىدىكى ياكى كەسپىي رولىنى كەمسىتىش ئىنتايىن رەھىمسىزلىك، دەيدۇ فىلورىدا ئىشتاتىنىڭ مىئامى شەھىرىدىكى پىسخىكىلىق داۋالاش ئۇستىسى M· گاررى نۇمان.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «شەخسنىڭ سالاھىيىتىگە پاسسىپ باھا بېرىش يوقىتىش خاراكتېرلىك بولىدۇ. بىزنىڭ رولىمىز مۇھىم ھەم ئاجىز بولىدۇ، بۇ روللار باشقىلار تەرىپىدىن گۇمان قىلىنغان ھامان بىز پۈتۈنلەي تۈگەشكەندەك ھېس قىلىمىز. بۇ گەپلەر مەڭگۈ قەلبىمىزدە ساقلىنىپ قالىدۇ.»

 

7.  (دوستىڭىزگە ياكى ئائىلىڭىزدىكىلەرگە):«مەن سېنىڭ بۇنداق قىلىشىڭدىن بەك بىزار.»

خېتستوننىڭ ئېيتىشىچە، باشقىلارنىڭ ئالدىدا ھەمراھى ياكى مۇھەببەت مۇناسىۋىتىنى كەمسىتىش قەتئىي قىلىشقا بولمايدىغان ئىش ھېسابلىنىدىكەن. 

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ سىزنىڭ كۆپچىلىكنى يىغىپ ھەمراھىڭىزغا قارشى چىققىنىڭىز، تېخىمۇ چاتاق بولغىنى بۇنداق ئەھۋالدا قارشى تەرەپ سىزنى پەقەت كەچۈرەلمەيدۇ، قارشى تەرەپ بۇنىڭ ئۈچۈن غەزەپلىنىدۇ ھەمدە سىزگە قايتا ئىشەنمەيدۇ.»

 

8. «مەن ئۇنى ئانچە چۈشەنمەيمەن، ئۇ پەقەت مەن بىلەن بىرگە خىزمەت قىلىدىغان ئادەم خالاس»

ۋالگاستنىڭ ئېيتىشىچە، نىكاھ مۇناسىۋىتىمىزدە ھەمراھىمىز ياكى ئۆزىمىزدە مەلۇم ۋاقىتلاردا باشقىلارغا يېنىك، نوقۇل ھالدىكى قىزىقىش پەيدا بولۇپ قالىدىكەن. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بولسا بۇ مەسىلىگە توغرا قارىشىمىز زۆرۈر ئىكەن. ھەرگىزمۇ يېنىكلىك بىلەن مۇنداقلا دەپ ھېسسىياتىمىزنى يوشۇرساق بولمايدىكەن. 

ئۇ مۇنداق دېدى:«سىزنىڭ باشقىلارغا بولغان قىزىقىشىڭىز سىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىڭلاردا يوشۇرۇن ئاپەت خاراكتېرلىك خەتەر پەيدا قىلىدۇ، بۇ خەتەرنى يوقىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ھەمراھىڭىزغا ئەمەلىيەتنى ئىخچام ۋە مېغىزلىق قىلىپ ئېتىراپ قىلىشتىن ئىبارەت. يولدىشىڭىزغا مۇنداق دېسىڭىز بولىدۇ <بۇنىڭ ئاڭلىماققا بىمەنىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، ئەمما مەن ئۇ خېرىدارغا ئازراق قىزىقىم قالدىم. ئۇنىڭ يۇمۇرىستىكلىكى ماڭا سېنى ئەسلىتىدۇ.>»

گەرچە بۇ مەسىلىنى ئېغىزغا ئېلىش تەس بولسىمۇ، ئەمما ۋالگاستنىڭ ئېيتىشىچە، ھېسسىياتىڭىزنى ئاشكارىلاش ئاخىرىدا ھەمراھىڭىز بىلەن تېخىمۇ سەمىمىي بىرگە ئۆتۈشىڭىزگە تۈرتكە بولىدىكەن. سىلەر يەنە دوستانە، ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىدىغان ئۇسۇلدا باشقا چەكلەنگەن تېمىلارنى ئوتتۇرىغا قويالايسىلەر، بۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ تۇرمۇشۇڭلار تېخىمۇ ئازادە بولىدۇ. 

 

9. «ئۇنداق ئويلىماسلىقىڭ كېرەك ئىدى»

رودماننىڭ ئېيتىشىچە، ئۆز ھەمراھىغا مەلۇم ئەھۋالدا «ئۇنداق ئويلىماسلىقىڭ ياكى ئويلىشىڭ كېرەك ئىدى» دېيىش ئۆزىنى يۇقىرى ئورۇنغا قويۇۋالغانلىق، باشقىلارنى تۆۋەن كۆرگەنلىك ھېسابلىنىدىكەن. 

ئۇ مۇنداق دەيدۇ:«بىر ئادەم بىر ئىشنى قانداق ئويلىسا ئۆزىگە توغرا، تۇيغۇ دېگەن تۇيغۇ، ئۇنى تۇتقىلى بولمايدۇ؛ ھەمراھىڭىزنى چۈشىنىشكە تىرىشىڭ، ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئويلىغانلىقىنى سوراپ بېقىڭ، ھەرگىزمۇ چۈشەنمەي تۇرۇپ ئىنكار قىلماڭ.»

 

10. «مېنى ساقلىما»

ۋالگاستنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قارىماققا ئادەتتىكىچە تۇيۇلغان سۆز سىزنىڭ ھەمراھىڭىز بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇخلىغۇڭىز يوقلۇقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، بۇ خىل ئادەت مۇناسىۋىتىڭلارنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ. 

ئۇ مۇنداق دەيدۇ:«سىز بىرلا ۋاقىتتا ئۇخلاش ئادىتىنى ھەمراھىڭىز بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى دەپ قارىشىڭىز كېرەك، ئوخشىمىغان ۋاقىتتا ئۇخلاشقا رازى بولۇش يېقىنچىلىق مۇناسىۋىتىنى ۋەيران قىلىدىغان قىلمىش، مەسىلەن: بۇ ئەھۋال يالغۇز قالغاندا شەھۋانىي فىلىملەرنى كۆرۈش ياكى دوستى، خىزمەتداشلىرىغا يېقىنچىلىق تۈسىدىكى قسىقا ئۇچۇرلارنى يوللاش ئەھۋاللىرىنى پەيدا قىلىدۇ.»

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • مۇنداق ئاياللار لەۋ سۇرۇخ سۈرۈشكە ماس كەلمەيدۇ
  • ئەر-خوتۇن ماي تارتىشىپ قالغاندا قانداق قىلىشى كېرەك؟
  • قان ئازلىق ئاياللاردا تۇغماسلىقنى پەيدا قىلامدۇ؟
  • بالىڭىزنى قانداق ماختايسىز؟
  • ئاياللار سالامەتلىك تەكشۈرۈش تۈرلىرىنى قانداق تاللىشى كېرەك؟
  • ئادەم بەدىنىدىن نېمە ئۈچۈن ھەر خىل خىل پۇراقلار ھاسىل بولىدۇ؟
  • بۇ تۆت خىل ئايال بىلەن توي قىلغان ئەرلەرنى بىر ئۆمۈر نەس باسىدۇ
  • قېنىڭىزدا كالىي مىقدارى تۆۋەنلەپ كەتسە مۇنداق قىلىڭ
  • دائىم قىزىل چاي ئىچىپ بېرىشنىڭ بەش تۈرلۈك پايدىسى
  • تاماكا چېكىش ئۆپكە راكىنىڭ بىردىنبىر سەۋەبىمۇ
  • ئەرلەر كەلگۈسى 50 يىلدا بالىلىق بولۇش ئىقتىدارىدىن قېلىشى مۇمكىن
  • بىر سائەت پىيادە مېڭىشنىڭ قانچىلىك پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟
  • مۇھەببەتنىڭ قىزغىن داۋاملىشىش ۋاقتى ئىككى يىل بولىدۇ
  • ئالتە خىل «مودا» ياشاش ئۇسۇلى ساغلاملىقىڭىزنى نابۇت قىلىۋېتىدۇ
  • ئاياللاردا بۆرەك ئاجىز بولسا تۆۋەندىكىدەك ئىپادىلەر بولىدۇ
  • ئەتىگىنى ئويغىنىپلا جىددىي ئورنىڭىزدىن تۇرماڭ
  • ئاياللار تۇرمۇشتا چوقۇم «ئۆزگىرىشى» كېرەك
  • بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قېلىشنىڭ ئىلمىي ئاساسلىرى
  • ئەڭ يىڭى يوللانغىنى

  • چاي ئىچىشكە ماس كەلمەيدىغان كىشىلەر

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ ئالدى–كەينىدە تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يېمەڭ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • يۈرەككە زىيانلىق يەتتە خىل يېمەكلىكنى بىلىۋېلىڭ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاپتاپنىڭ كۆيدۈرۈشىدىن ساقلايدىغان يېمەكلىكلەر

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • سىز پەقەت كەلگۈسىدىكى جۈپتىڭىز بىلەن ئۇچرىشالمايۋاتىسىز خالاس

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ھازىرقى دەۋردىكى پىشقان ئايالنىڭ 25 تۈرلۈك ئۆلچىمى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • نېمە ئۈچۈن 90-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغانلارنىڭ ئاجرىشىش نىسبىتى شۇنچە يۇقىرى؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • قايسى خىل موي تازىلاش ئۇسۇلى تېرىگە ئەڭ زىيانسىز؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • پىشىپ يېتىلىۋاتقان سىزگە بۇ 10 جۈملە سۆزنى ھەدىيە قىلىمەن

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • پىسخىكىڭىزدا مەسىلە بولسا سىز مەڭگۈ بىر مەغلۇبىيەتچى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاتا-ئانىلارنىڭ يانفونغا غەرق بولۇشى ئائىلىنى ۋەيران قىلىدىكەن

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • قانچىكى تۆۋەن سەۋىيەلىك ئاتا-ئانىلار شۇنچە يانفون ئوينايدىكەن

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • پىيادە مېڭىپ چېنىقىشنىڭ يەتتە تۈرلۈك پايدىلىق تەرىپى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • تۇرمۇش قۇرغاندىن كېيىن باشقىلارغا دەپ يۈرگىلى بولمايدىغان ئىشلار

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • بالىڭىزغا 100 مىليون قالدۇرغاندىن ئەۋزەلرەك 10 جۈملە

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • باشلان خەۋەرلىرى

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى

    باشلان تەۋسىيە قىلغىنى

    باشلان تورى تەۋسىيە خەۋىرى
  • ئەنگلىيەلىك ئايال ئاكتىيورنىڭ جېكسوننى دورىشى تورداشلارنىڭ غەزىپىگە ئۇچرىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تۈرمىدىن بىر كۈنلۈك ئىجازەت ئالغان ئەنگلىيەلىك ئەر 660 مىڭ يۈەن پۇل خەجلىۋەتتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • داچىدا تۇرۇپ ئايدا 10 مىڭ يۈەن مائاش ئالىدىغان بىۋاستە تارقاتقۇچىلار

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • جۇڭگودىكى داڭلىق چولپانلار نام چىقىرىشتىن ئىلگىرى نېمە خىزمەتلەرنى قىلغان؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • چولپانلارنىڭ نام قازىنىشىنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان ئاچچىق ئازابلار

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • چېڭلوڭنىڭ خەلقئارادىكى ئورنى زادى قانچىلىك يۇقىرى؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بوللىۋود كىنو چولپىنى ئانۇشكا شارمانىڭ بىر گۇرۇپ ژۇرنال مۇقاۋا سۈرەتلىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • كۆرۈمسىز قىزدىن نازىنىن قىزغا ئايلانغان بوللىۋود ئايال چولپانلىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بىل گەيتىس: ئىلگىرى كەينىگە سۆرەش كېسىلىم بەك ئېغىر ئىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015