گۈزەللىكىڭىزگە تەسىر يېتىدىغان بۇ يامان ئادەتلەردىن يىراق تۇرۇڭ

تەۋە تۈر : تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق > ئاياللار >       مەنبە : تور دۇنياسى      يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2018-04-17 02:09:12

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى 16-ئاپرېل خەۋىرى،:

ھاۋا بارغانسېرى ئىسسىشقا باشلىدى، خانىم-قىزلارمۇ يەڭگىل كىيىملىرىنى كىيىپ سىرتقا چىقىش پەسلىگە قەدەم قويدى، لېكىن بىر قىسىم يامان ئادەتلەر سىزنىڭ چىراي گۈزەللىكىڭىزگە تەسىر يەتكۈزۈپ، ئىشەنچ بىلەن سىرتقا چىقىشىڭىزغا توسقۇنلۇق قىلىشى مۇمكىن، تۆۋەندە بۇ توققۇز يامان ئادەتنى كۆرۈپ باقايلى:

1. لېۋىنى چىشلەش. نۇرغۇن خانىم-قىزلار لېۋى قۇرىشىپ كەتكەندە بۇ خىل ئۇسۇلنى تاللىشى مۇمكىن، ئەمەلىيەتتە شۆلگەي لەۋنى تېخىمۇ قۇرۇتىۋېتىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئېغىزىڭىز ئەتراپىدىكى تېرىڭىزنىڭ يىرىكلىشىشىنى، لېۋىڭىزنىڭ تېخىمۇ سەتلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. سېغىز چايناش. ئېغىزدىكى پۇراقنى يوقىتىش ئۈچۈن كۆپلىرىمىز تاماقتىن كېيىن سېغىز چاينايمىز. لېكىن سېغىزنى كۈچەپ چاينىغاندا ئىككى زاڭاقنىڭ سىرتقا كېڭىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يۈز شەكلىڭىزنى بارا-بارا كىۋادرات شەكىلگە كەلتۈرۈپ قويىدۇ.

3. كۈنلەپ سۇ ئىچمەسلىك. نۇرغۇن خانىم-قىزلار يۈزىنىڭ ۋە كۆز ئەتراپىدىكى تېرىلەرنىڭ ئىششىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن سۇنى ئاز ئىچىدۇ. لېكىن بەدىنىڭىزدە سۇ كەمچىل بولسا تېرىڭىز قۇرغاقلىشىپ ھەم بوشىشىپ بالدۇرلا قورۇق چۈشۈپ كېتىدۇ.

4. چېچەكنى سىقىش. گۈزەللىكنى ياقتۇرىدىغان خانىم-قىزلار بۇنىڭغا تاقەت قىلالمايدۇ، شۇڭا نۇرغۇنلار سىقىۋېتىشنى تاللايدۇ، لېكىن بۇنداق قالغاندا ئاسانلا ئىز قالىدۇ، ھەتتا چېچەك چىققان ئورۇن ئويمان بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.

شۇڭا، چېچەك چىققاندا ھەرگىز سىقىۋەتمەڭ، تېرىڭىزنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاپ بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىڭ، سۇنى كۆپ ئىچىڭ، كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ چېچەكنىڭ ئۆزلىكىدىن يوقىشىنى ساقلاڭ، ئېغىر بولغاندا نوپۇزلۇق دوختۇرخانىلارغا بېرىپ كۆرىنىڭ.

5. قولى بىلەن كۆزىنى ئۇۋۇلاش. ھارغاندا، ئۇيقۇسى كەلگەندە نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىكىدىنلا قولى بىلەن كۆزىنى ئۇۋۇلايدۇ، لېكىن بۇ يامان ئادەت كۆز ئەتراپىدىكى نېپىز تالالارنى زەخمىلەندۈرۈپ قورۇق چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

5. بېشىنى تۆۋەن قىلىپ يانفون ئويناش. بۇنداق بولغاندا بوينىڭىزغا چۈشكەن بېسىم ئارتىپ كېتىپ، بوينىڭىزدىكى تېرىلەرگە قورۇق چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يەنە تېخى تېرىڭىزنىڭ بوشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ قوش ئېڭەك بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقىڭىزنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

6. ناتوغرا شەكىلدە ئولتۇرۇش ۋە مېڭىش. گەرچە ئۇدۇل قارىسا ھېچقانداق كۆرۈنمىگەن بىلەن، ياندىن قارىسىلا پەرقنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى سۆڭىكىزنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ دۈمچەك بولۇپ قالىسىز، شۇڭا ئولتۇرغاندا ياكى ماڭغاندا قەددىڭىزنى رۇس تۇتۇشقا ئادەتلىنىڭ، گاھىدا ئۇنتۇپ قالغان بولسىڭىزمۇ ئېسىڭىزگە يەتكەن ھامان قىياپىتىڭىزنى ئوڭشىۋېلىڭ.

7. يانفون ئويناپ ۋاقچى ئۇخلاش. ۋاقچى ئۇخلاش ئاياللارنىڭ ئىچكى ئاجراتمىلىرىنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنداق بولغاندا كۆز خالتىسى شەكىللىنىدۇ، قورۇق چۈشىدۇ، تېرىڭىز خۈنۈك كۆرۈنىدۇ، ئىشقىلىپ ۋاقچى يېتىشنىڭ زىيانلىق تەرىپى ئىنتايىن كۆپ، سىزنى مۇددەتتىن بۇرۇنلا قېرىتىۋېتىدۇ.

شۇڭا خانىم-قىزلار چوقۇم يېتەرلىك ئۇيقۇ ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك (ئەلۋەتتە، ھەممەيلەن شۇنداق»، توققۇزدا ياكى ئۇنىڭدىن بۇرۇن يېتىۋېلىش ئەڭ ياخشى ئادەت.

8. تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا ئۇخلاش. يازدا ھاۋا ئىسسىپ كەتكەچكە نۇرغۇنلىرىمىز ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىپ قويۇپ ئۇخلايمىز، لېكىن تېمپېراتۇرىنى بەك تۆۋەن تەڭشەپ قويسىڭىز تېرىڭىزدىكى سۇ مىقدارىنى خورىتىپ، لېۋىڭىزنىڭ يېرىلىشى، تېرىڭىزنىڭ قۇرغاقلىشىشىپ يېرىلىشى قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىپ قويۇشقا توغرا كەلسىمۇ تېمپىراتۇرىسىنى بەك تۆۋەن تەڭشىۋەتمەڭ.

9. گىرىمنى تولۇق يۇيماسلىق. خانىم-قىزلار گىرىم قىلىپ سىرتقا چىقىشقا ئادەتلەنگەن، لېكىن بەزىلەر ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە گىرىمنى ۋاقتىدا يۇيۇۋېتىشكە ھورۇنلۇق قىلىدۇ. بۇنىڭ تېرىگە بولغان زىيىنى ئىنتايىن چوڭ، قېلىپ قالغان گىرىملار تېرىگە زىيان يەتكۈزۈپ تۆشۈكچىلەرنىڭ ئېتىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ماي ۋە داغلار يىغىلىپ قېلىپ نۇرغۇن تېرە مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • مۇنداق ئاياللار لەۋ سۇرۇخ سۈرۈشكە ماس كەلمەيدۇ
  • ئەر-خوتۇن ماي تارتىشىپ قالغاندا قانداق قىلىشى كېرەك؟
  • قان ئازلىق ئاياللاردا تۇغماسلىقنى پەيدا قىلامدۇ؟
  • بالىڭىزنى قانداق ماختايسىز؟
  • ئاياللار سالامەتلىك تەكشۈرۈش تۈرلىرىنى قانداق تاللىشى كېرەك؟
  • ئادەم بەدىنىدىن نېمە ئۈچۈن ھەر خىل خىل پۇراقلار ھاسىل بولىدۇ؟
  • بۇ تۆت خىل ئايال بىلەن توي قىلغان ئەرلەرنى بىر ئۆمۈر نەس باسىدۇ
  • قېنىڭىزدا كالىي مىقدارى تۆۋەنلەپ كەتسە مۇنداق قىلىڭ
  • دائىم قىزىل چاي ئىچىپ بېرىشنىڭ بەش تۈرلۈك پايدىسى
  • تاماكا چېكىش ئۆپكە راكىنىڭ بىردىنبىر سەۋەبىمۇ
  • ئەرلەر كەلگۈسى 50 يىلدا بالىلىق بولۇش ئىقتىدارىدىن قېلىشى مۇمكىن
  • بىر سائەت پىيادە مېڭىشنىڭ قانچىلىك پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟
  • مۇھەببەتنىڭ قىزغىن داۋاملىشىش ۋاقتى ئىككى يىل بولىدۇ
  • ئالتە خىل «مودا» ياشاش ئۇسۇلى ساغلاملىقىڭىزنى نابۇت قىلىۋېتىدۇ
  • ئاياللاردا بۆرەك ئاجىز بولسا تۆۋەندىكىدەك ئىپادىلەر بولىدۇ
  • ئەتىگىنى ئويغىنىپلا جىددىي ئورنىڭىزدىن تۇرماڭ
  • ئاياللار تۇرمۇشتا چوقۇم «ئۆزگىرىشى» كېرەك
  • بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قېلىشنىڭ ئىلمىي ئاساسلىرى
  • ئەڭ يىڭى يوللانغىنى

  • چاي ئىچىشكە ماس كەلمەيدىغان كىشىلەر

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ ئالدى–كەينىدە تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يېمەڭ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • يۈرەككە زىيانلىق يەتتە خىل يېمەكلىكنى بىلىۋېلىڭ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاپتاپنىڭ كۆيدۈرۈشىدىن ساقلايدىغان يېمەكلىكلەر

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • سىز پەقەت كەلگۈسىدىكى جۈپتىڭىز بىلەن ئۇچرىشالمايۋاتىسىز خالاس

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ھازىرقى دەۋردىكى پىشقان ئايالنىڭ 25 تۈرلۈك ئۆلچىمى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • نېمە ئۈچۈن 90-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغانلارنىڭ ئاجرىشىش نىسبىتى شۇنچە يۇقىرى؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • قايسى خىل موي تازىلاش ئۇسۇلى تېرىگە ئەڭ زىيانسىز؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • پىشىپ يېتىلىۋاتقان سىزگە بۇ 10 جۈملە سۆزنى ھەدىيە قىلىمەن

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • پىسخىكىڭىزدا مەسىلە بولسا سىز مەڭگۈ بىر مەغلۇبىيەتچى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاتا-ئانىلارنىڭ يانفونغا غەرق بولۇشى ئائىلىنى ۋەيران قىلىدىكەن

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • قانچىكى تۆۋەن سەۋىيەلىك ئاتا-ئانىلار شۇنچە يانفون ئوينايدىكەن

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • پىيادە مېڭىپ چېنىقىشنىڭ يەتتە تۈرلۈك پايدىلىق تەرىپى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • تۇرمۇش قۇرغاندىن كېيىن باشقىلارغا دەپ يۈرگىلى بولمايدىغان ئىشلار

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • بالىڭىزغا 100 مىليون قالدۇرغاندىن ئەۋزەلرەك 10 جۈملە

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • باشلان خەۋەرلىرى

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى

    باشلان تەۋسىيە قىلغىنى

    باشلان تورى تەۋسىيە خەۋىرى
  • ئەنگلىيەلىك ئايال ئاكتىيورنىڭ جېكسوننى دورىشى تورداشلارنىڭ غەزىپىگە ئۇچرىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تۈرمىدىن بىر كۈنلۈك ئىجازەت ئالغان ئەنگلىيەلىك ئەر 660 مىڭ يۈەن پۇل خەجلىۋەتتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • داچىدا تۇرۇپ ئايدا 10 مىڭ يۈەن مائاش ئالىدىغان بىۋاستە تارقاتقۇچىلار

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • جۇڭگودىكى داڭلىق چولپانلار نام چىقىرىشتىن ئىلگىرى نېمە خىزمەتلەرنى قىلغان؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • چولپانلارنىڭ نام قازىنىشىنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان ئاچچىق ئازابلار

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • چېڭلوڭنىڭ خەلقئارادىكى ئورنى زادى قانچىلىك يۇقىرى؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بوللىۋود كىنو چولپىنى ئانۇشكا شارمانىڭ بىر گۇرۇپ ژۇرنال مۇقاۋا سۈرەتلىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • كۆرۈمسىز قىزدىن نازىنىن قىزغا ئايلانغان بوللىۋود ئايال چولپانلىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بىل گەيتىس: ئىلگىرى كەينىگە سۆرەش كېسىلىم بەك ئېغىر ئىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015